مۇڭداش كۇلۇبى UyghurChat
Informations de contact, plan et itinéraire, formulaire de contact, heures d'ouverture, services, évaluations, photos, vidéos et annonces de مۇڭداش كۇلۇبى UyghurChat, Centre de recherche en pédagogie, Paris.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار! مۇڭداش كۇلۇبىمىزغا ھەقلىق پاراڭلاشقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىمىزنى چىقارغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان قېرىندىشىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتۇق. ھازىر بۇ بىرىنچى نۆۋەتلىك پائالىيىتىمىزگە قاتناشقۇچىلار تولۇق بولدى، كېلەر نۆۋەتلىك پائالىيەتنىڭ ئۇچۇرىنى بىرىنچى ئايدا ئۇقتۇرىمىز. داۋاملىق قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز، رەھمەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار! مۇڭداش كۇلۇبىمىزنىڭ مۇلازىمىتىرىدىن ئازراق مەسىلە كۆرۈلۈپ ۋاقتىنچە تاقىلىپ قالدى. بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.
02/12/2021
‼️📣 مۇڭداش كۇلۇبىغا ھەق ئېلىپ پاراڭلاشقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى.
كەڭ تارقىتىپ قويىشىڭلارنى سورايمىز ، رەھمەت!
20/09/2021
سالام دوستلار، مۇڭداش كۇلۇبىمىز يېقىندىن بۇيان بەك جىمىپ كەتتى، ئاساسلىق سەۋەبى تېلفوندىكى ئەپنىڭ يېڭى ئۇچۇر كەلسە خەۋەر بەرمەسلىك مەسىلى بولىۋاتىدۇ. بىز ھازىر مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن مۇڭداش كۇلۇبىنى ياخشى جانلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز. ھەل قىلىشتىن بۇرۇن دوستلارنىڭ يەنىلا داۋاملىق بۇ يەرگە كىرىپ پاراڭ قىلىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزمۇ يەنە داۋاملىق ھەرخىل تېمىدىكى https://Uyghur.chat
سۆھبەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىمىز.
مۇڭداش كۇلۇبىدا ھەرخىل تېمىدىكى قاناللارغا ئەگىشىش ۋە ئايرىمخانىدا بىرگە-بىر پاراڭلىشىش توغرىسىدا
27/08/2021
!!! «مۇڭداش كۇلۇبى» UyghurChat دىن يېڭى ئۇقتۇرۇش: https://uyghur.chat
ئەسسالام ئەلەيكۇم دوستلار! بىز «مۇڭداش كۇلۇبى»دا بۇ يەكشەنبە كۈنىگە، يەنى 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگە بىر سۆھبەت ئۇيۇشتۇرماقچى. سۆھبەت تېمىسى شۇ بىز تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋاللىرى، ياشاش تۇرمۇش ئادەتلىرى، بىزنىڭ مۇشۇ دۆلەتلەردە يولۇقىۋاتقان مەسىلىلىرىمىز ھەمدە ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقلىرىمىز توغرىسدا بولىدۇ. ناھايىتى ئەركىن ھالدا ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتىن بايقىغان ھېس قىلغانلىرىمىزنى مۇنازىرىلىشىمىز. بەزى مەسىلىلەرگە ئۆزئارا سوئال سوراپ مەسلىھەت بېرىشىمىز. بۇ سۆھبەت «مۇڭداش كۇلۇبى»غا يېڭى قۇرۇلغان «تۇرمۇش» قانىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ سۆھبەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغانلار ماڭا «مۇڭداش كۇلۇبى»دا ياكى فېيسبۇكتا ئۇچۇر يوللاپ تىزىملاتساڭلار بولىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مول ۋە راۋان ئاېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئاز دىگەندە 8 ئادەم شۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا «مۇڭداش كۇلۇبى»دا تورغا چىقىشى لازىم. سۆھبەت بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىت توشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق پارڭلاشقۇسى بارلار داۋاملاشتۇرسا تامامەن بولىدۇ. ۋاقتى يار بەرگەن دوستلارنىڭ كۆپلەپ ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، رەھمەت!
سۆھبەت ۋاقتى: 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ( يەكشەنبە ) سائەت:
پارىژ: 13:00
ئىستانبۇل: 14:00
لوندون: 12:00
توكيو: 20:00
سىدنېي:21:00
نيۇيورك: 07:00
Cliquez ici pour réclamer votre Listage Commercial.